Skip to content

«ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغىنى ھەقسىز جىدەل قىلغۇچىدۇر».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغىنى ھەقسىز جىدەل قىلغۇچىدۇر».

«إِنَّ أَبْغَضَ الرِّجَالِ إِلَى اللهِ الْأَلَدُّ الْخَصِمُ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كىشىلەردىن ھەققە بويسۇنمايدىغان، جىدەلخورلىقى بىلەن ھەقنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئ‍ورۇنسىز كۆپ جىدەل قىلىدىغانلارنى ياكى دەۋاسى ھەق بولسىمۇ لېكىن مۇبالىغە قىلىپ چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىدىغان، ئىلىمسىز مۇنازىرە قىلىدىغانلارنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ زالىمدىن ھەققىنى شەرئى يول بىلەن تەلەپ قىلىشى ياقتۇرۇلمايدىغان دەۋالارنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.

جېدەل ۋە دەۋالىشىش تىلنىڭ ئاپىتى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە بۆلۈنۈشكە ئىلىپ بارىدۇ.

ھەق بولغان ۋە ئۇسلۇبى گۈزەل بولغان دەۋالار مەدھىيەلەنسە، ھەقنى رەت قىلىدىغان، باتىلنى ئىسپاتلايدىغان ياكى دەلىل ئىسپاتسىز دەۋالار ياقتۇرۇلمايدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (10)

سەھى بۇخارى (3/ 131) (2457).

سەھى مۇسلىم (4/ 2054) (2668).

توضيح الأحكام من بلوغ المرام.

للبسام (7/ 476).

منحة العلام في شرح بلوغ المرام.

لعبد الله الفوزان (10/ 308).

فتح ذي الجلال والإكرام.

لابن عثيمين (6/ 416).

سبل السلام بشرح بلوغ المرام.

للصنعاني (2/ 685).