Skip to content

كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تېۋىنغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى دوزاخقا كىرىدۇ

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر سۆزنى دېدى مەن ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر سۆزنى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تېۋىنغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى دوزاخقا كىرىدۇ دېدى، مەن : كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرىدۇ دېدىم.

قَالَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم كَلِمَةً وَقُلْتُ أُخْرَى، قَالَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم: «مَنْ مَاتَ وَهُوَ يَدْعُو مِنْ دُونِ اللهِ نِدًّا دَخَلَ النَّارَ» وَقُلْتُ أَنَا: مَنْ مَاتَ وَهُوَ لَا يَدْعُو لِلهِ نِدًّا دَخَلَ الْجَنَّةَ.

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان دۇئا، ياردەم تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قىلىدىكەن (يەنى شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىدىكەن)، ئۇ كىشى دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ دەپ خەۋەر بەردى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنىڭغا زىيادە قىلىپ: كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ۋاپات بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرىقى بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ دېدى.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

يدعو: يشمل نوعي الدعاء وهما: دعاء العبادة ودعاء المسألة.

ندًّا: الند: هو الشبيه والنظير في الألوهية أو الربوبية أو الأسماء والصفات.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

دۇئا ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھىنىڭ غەيرىگە قىلىنمايدۇ.

تەۋھىدنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن: تەۋھىد ئېتىقادى بىلەن ۋاپات بولغان كىشى بەزى خاتالىقلىرى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت ئازاپلانسىمۇ ئاخىرىدا جەننەتكە كېرىدۇ.

شېرىكنىڭ خەتىرى: شېرىك ئېتىقادتا ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كىرىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (12)

سەھى بۇخارى (6/ 23) (4497).

سەھى مۇسلىم (1/ 94) (92).

فتح المجيد شرح كتاب التوحيد.

لعبد الرحمن التميمي (ص76).

القول المفيد على كتاب التوحيد.

لابن عثيمين (1/ 120).

الملخص في شرح كتاب التوحيد.

لصالح الفوزان (ص47).

الجديد في شرح كتاب التوحيد.

لمحمد القرعاوي (ص59).

التمهيد لشرح كتاب التوحيد.

لصالح آل الشيخ (ص42).