سەن ئەھلى كىتاپتىن بولغان بىر قەۋىمنىڭ يېنىغا بارىسەن، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغان ۋاقتىڭدا ئۇلارنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن ئەھلى كىتاپتىن بولغان بىر قەۋىمنىڭ يېنىغا بارىسەن، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغان ۋاقتىڭدا ئۇلارنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئادا قىلىشقا بۇيرىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا سەدىقىنى پەرز قىلغانلىقىنى، سەدىقە ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ، پەقىرلىرىغا بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋېلىشتىن ساقلانغىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن قورققىن، ھەقىقەتەن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەردە يوقتۇر».
قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لِمُعَاذِ بْنِ جَبَلٍ، حِينَ بَعَثَهُ إِلَى الْيَمَنِ: «إِنَّكَ سَتَأْتِي قَوْمًا أَهْلَ كِتَابٍ، فَإِذَا جِئْتَهُمْ فَادْعُهُمْ إِلَى أَنْ يَشْهَدُوا أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللهِ، فَإِنْ هُمْ أَطَاعُوا لَكَ بِذَلِكَ، فَأَخْبِرْهُمْ أَنَّ اللهَ قَدْ فَرَضَ عَلَيْهِمْ خَمْسَ صَلَوَاتٍ فِي كُلِّ يَوْمٍ وَلَيْلَةٍ، فَإِنْ هُمْ أَطَاعُوا لَكَ بِذَلِكَ، فَأَخْبِرْهُمْ أَنَّ اللهَ قَدْ فَرَضَ عَلَيْهِمْ صَدَقَةً تُؤْخَذُ مِنْ أَغْنِيَائِهِمْ فَتُرَدُّ عَلَى فُقَرَائِهِمْ، فَإِنْ هُمْ أَطَاعُوا لَكَ بِذَلِكَ، فَإِيَّاكَ وَكَرَائِمَ أَمْوَالِهِمْ، وَاتَّقِ دَعْوَةَ الْمَظْلُومِ، فَإِنَّهُ لَيْسَ بَيْنَهُ وَبَيْنَ اللهِ حِجَابٌ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ۋە دىن ئۈگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يەمەندە ناسارالاردىن ئىبارەت ئەھلى كىتابقا دۇچ كېلىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار بولىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنى دىنغا دەۋەت قىلغاندا ئاۋۋال ئەڭ مۇھىم بولغاندىن باشلاش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇلارنى ئاۋۋال ئەقىدىنى توغرىلاپ ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ كەلىمە بىلەن ئىسلام دىنىغا كېرىدۇ، ئۇلار بۇنىڭغا بويسۇنسا، ئۇلارنى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، چۈنكى ناماز بولسا تەۋھىددىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار نامازنى ئادا قىلسا، ئۇلارنىڭ بايلىرىنى ماللىرىنىڭ زاكىتىنى كەمبەغەللىرىگە بېرىشكە بۇيرىدى، شۇنداقلا، زاكاتنى ئالغاندا ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى زاكاتتا ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئوتتۇرۇھاللىرىنى ئالسا ۋاجىپ ئادا تاپىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بەددۇئاسىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن زۇلۇمدىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرىدى، چۈنكى مەزلۇمنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ.
...:
ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى ئىبادەتتە بىر بىلىش، ئاللاھدىن باشقىغا ئىبادەت قىلىشنى تەرك قىلىشتۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئىشىنىش، ئۇنى تەستىقلاش، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا ئىنسان ۋە جىنلارغا ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر.
بىلگەن كىشىگە سۆز قىلىش دېگەن، شۈبھىلىك ياكى نادان كىشىگە سۆز قىلغانغا ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى «سەن ئەھلى كىتاپتىن بولغان بىر قەۋىمنىڭ يېنىغا بارىسەن دەپ» ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
مۇسۇلمان شەك قىلغۇچىلارنىڭ شۈبھىلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىنى بىلىدىغان بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئىلىم ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلىكى بايان قىلىنىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ دىنىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى، ئۇلار دۇنيادا ئىسلام دىنىغا كىرمىگۇچە قەدەر قىيامەتتە نىجاتلىققا ئىرىشەلمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
(2/ 128) (1496).
(9/ 114) (7372).
تېخىمۇ كۆپ (7)
سەھى بۇخارى (2/ 119) (1458).
سەھى مۇسلىم (1/ 50) (19).
فتح الباري لابن حجر (13/ 349).
الملخص في شرح كتاب التوحيد.
لصالح فوزان (ص54).
الجديد في شرح كتاب التوحيد.
لمحمد القرعاوي (ص64).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
6 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (6)
- الإسلام - نبذة موجزة عن الإسلام (مشتملة على الأدلة)«وَاتَّقِ دَعْوَةَ المَظْلُومِ فَإِنَّهُ لَيْسَ بَيْنَهُ وَبَيْنَ اللَّهِ حِجَابٌ»
- رسالة موجزة عن الإسلام كما جاء في القرآن الكريم والسنة النبوية (مشتملة على الأدلة)رِسَالَةٌُ مُوجَزَةٌُ عَنِ الْإِسْلَامِ كَمَا جَاءَ فِي الْقُرْآنِ الْكَرِيمِ وَالسَّنَةِ النَّبَوِيَّة-مشتملة على الأدلة -للحرمين-«وَاتَّقِ دَعْوَةَ المَظْلُومِ فَإِنَّهُ لَيْسَ بَيْنَهُ وَبَيْنَ اللَّهِ حِجَابٌ» [73].
- زاد الداعية إلى الله1«إنك ستأتي قومًا أهل كتابٍ»؛
- مادة العقيدة الإسلامية(قَالَ رَسُولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم: لِمُعَاذِ بْنِ جَبَلٍ حِينَ بَعَثَهُ إِلَى الْيَمَنِ إِنَّكَ سَتَأْتِي قَوْمًا أَهْلَ كِتَابٍ فَإِذَا جِئْتَهُمْ فَادْعُهُمْ إِلَى أَنْ يَشْهَدُوا أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ، وَأَنَّ مُحَمَّدًا ر
- محاضرات تعظيم قدر الصلاةمحاضرات في تعظيم قدر الصلاة"إِنَّكَ سَتَأْتِي قَوْمًا مِنْ أَهْلِ الكِتَابِ، فَإِذَا جِئْتَهُمْ فَادْعُهُمْ إِلَى أَنْ يَشْهَدُوا أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللَّهِ، فَإِنْ هُمْ طَاعُوا لَكَ بِذَلِكَ، فَأَخْبِرْهُمْ أَنَّ اللَّهَ قَدْ
- من معالم التوحيد«إِنَكَ سَتَأْتِي قَوْمًا أَهْلَ كِتَابٍ، فَإِذَا جِئْتَهُمْ، فَادْعُهُمْ إِلَى أَنْ يَشْهَدُوا أَنْ لَا إِلَهَ إِلَا اللهُ، وَأَنَّ مُحَمَدًا رَسُولُ الله»([5])،