٤ : ١٥٢
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ وَلَمۡ يُفَرِّقُواْ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّنۡهُمۡ أُوْلَٰٓئِكَ سَوۡفَ يُؤۡتِيهِمۡ أُجُورَهُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئاجرىتىۋەتمىگەن (يەنى ھەممىسىگە ئىمان ئېيتقان) كىشىلەرگە ئاللاھ ئۇلارنىڭ (تېگىشلىك) ئەجىرلىرىنى ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(152).