Skip to content
يُونس /

ئايەت ٢٤

١٠ : ٢٤

ئايەت ٢٤ of يُونس (١٠ : ٢٤). This page carries the verse in the Uthmani script with a translation of its meaning, at a stable URL that can be cited on its own.

يُونس ئايەتلەر ١٠٩
سۈرە · يُونس
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
١٠ : ٢٤

إِنَّمَا مَثَلُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَآءٍ أَنزَلۡنَٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخۡتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلۡأَرۡضِ مِمَّا يَأۡكُلُ ٱلنَّاسُ وَٱلۡأَنۡعَٰمُ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذَتِ ٱلۡأَرۡضُ زُخۡرُفَهَا وَٱزَّيَّنَتۡ وَظَنَّ أَهۡلُهَآ أَنَّهُمۡ قَٰدِرُونَ عَلَيۡهَآ أَتَىٰهَآ أَمۡرُنَا لَيۡلًا أَوۡ نَهَارٗا فَجَعَلۡنَٰهَا حَصِيدٗا كَأَن لَّمۡ تَغۡنَ بِٱلۡأَمۡسِۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشىدە، نېمەتلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى بولۇشىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر ـ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى ـ دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز(24).