Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 38

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قىيامەت كۈنىدە سىلىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى كىم؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئەبۇ ھۈرەيرە! سەندىن ئىلگىرى بۇ توغرىدا ھېچ كىشى بىر نەرسە سورىمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، سېنىڭ ھەدىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا ئېيتىپ بېرەي: «قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىدۇر» دېدى.
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ ماڭا: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مېنى ئەۋەتكەن بىر ئىشقا سېنى ئەۋەتەيمۇ؟ ھەرقانداق ھەيكەل بولسا قويماي يېقىتقىن، ھەرقانداق ئېگىز قەبرىنى تۈزلىۋەتكىن دېدى».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
ئۇ كىشى بەزى سەپەرلىرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان ئېدى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ چۈشكەن جايلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ:«تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا ئۆزى كۆرگەن سۈرەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك مەسچىتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى، ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئاللاھ تائالا زېمىننى چاڭگاللايدۇ، ئاسماننى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدۇ.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشتىن بەش كۈن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «مەن سىلەردىن بېرىڭلار بىلەن دوست بولغانلىقىم توغرىسىدا ئاللاھقا ئۆزۈمنى پاكلايمەن،-يەنى مەن سىلەردىن بىرىڭلارنى دوست تۇتمىدىم- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتقاندەك، دوست تۇتتى، ئەگەر مەن ئۈممىتىمدىن بىرىنى دوست تۇتماقچى بولغان بولسام ئەلۋەتتە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى دوست تۇتاتتىم. دىققەت قىلىڭلار! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالدى. دىققەت قىلىڭلار! سىلەر قەبرىستانلىقنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالماڭلار، مەن سىلەرنى ئۇنىڭدىن چەكلەيمەن».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ» تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئەۋلادى مېنى يالغانغا چېقىرىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى، مېنى دەشنام قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى، ئادەم ئەۋلادىنىڭ مېنى يالغانغا چىقىرىشى ئۇنىڭ: ئاللاھ تائالا مەن ئۆلگەندىن كېيىن مېنى دەسلەپتە پەيدا قىلغاندەك تىرگۈزەلمەيدۇ دېگەن سۆزى، ئۇنى قايتىدىن تېرگۈزۈش دەسلەپتە پەيدا قىلىشتىن ئاسان ئەمەسمۇ؟. ئادەم ئەۋلادىنىڭ ماڭا دەشنەم قىلىشى بولسا ئۇنىڭ: ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېيىشىدۇر، مەن يەككە-يىگانە، ھەممە ماڭا ئېھتىياجلىق، مەن بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ماڭا تەڭداش بولالمايدۇ».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى