Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 9

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

رىۋايەت قىلىنغان مەنبە

«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۈنلەيدۇ، مۇئ‍مىنمۇ كۈنلەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۈنلىشى بولسا، مۇئ‍مىننىڭ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشقا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ساھابىلاردىن بىر تۈرلۈك كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: بىز كۆڭلىمىزدە بىر ئىشلارنى تاپىمىزكى، ئۇنى سۆزلەش بىزگە بەك قىيىن كىلىدۇ، دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۇنداق ئىشلارنى تاپتىڭلارمۇ؟»دېدى، ئۇلار: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ روشەن ئىماندۇر»دېدى.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن شېرىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدىن بىھاجەتمەن، كىمكى قىلغان ئەمىلىدە ماڭا باشقا بېرىنى شېرىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنى ۋە ئەمىلىنى شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ.»
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قىيامەت كۈنىدە سىلىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى كىم؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئەبۇ ھۈرەيرە! سەندىن ئىلگىرى بۇ توغرىدا ھېچ كىشى بىر نەرسە سورىمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، سېنىڭ ھەدىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا ئېيتىپ بېرەي: «قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىدۇر» دېدى.
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«ئاللاھ تائالا زېمىننى چاڭگاللايدۇ، ئاسماننى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدۇ.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئەۋلادى مېنى يالغانغا چېقىرىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى، مېنى دەشنام قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى، ئادەم ئەۋلادىنىڭ مېنى يالغانغا چىقىرىشى ئۇنىڭ: ئاللاھ تائالا مەن ئۆلگەندىن كېيىن مېنى دەسلەپتە پەيدا قىلغاندەك تىرگۈزەلمەيدۇ دېگەن سۆزى، ئۇنى قايتىدىن تېرگۈزۈش دەسلەپتە پەيدا قىلىشتىن ئاسان ئەمەسمۇ؟. ئادەم ئەۋلادىنىڭ ماڭا دەشنەم قىلىشى بولسا ئۇنىڭ: ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېيىشىدۇر، مەن يەككە-يىگانە، ھەممە ماڭا ئېھتىياجلىق، مەن بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ماڭا تەڭداش بولالمايدۇ».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى