Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 57

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىك بالىنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ بولسۇن بېشىنىڭ چېچىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئالدۇرۇپ بەزى جايلىرىنى قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ماڭا خوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن ھەتتا خوشنىنى مىراسخۇر قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى:«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ». بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تىنچلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا: التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ السَّلَامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلَامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِينَ» دېسە، بۇ سۆز ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەر بىر سالىھ بەندىگە يېتىدۇ، أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ» دەپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دۇئا-تېلەكلەرنى دېسە بولىدۇ.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق»
تېكىست توغرا بۇ ھەدىسنى مۇشۇ تېكىست بىلەن ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، بۇخارى «پاك بولغاندىن كېيىن» دېگەن سۆزنى كەلتۈرمەستىن رىۋايەت قىلغان
«سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ رەھبىرى چوڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە پەرزەنتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىڭلار!، ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار» .
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئەمەللەر ئالتە تۈرلۈكتۇر، ئىنسانلار تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت مەۋجۇتتۇر. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا، ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە ۋە ياخشىلىق ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز باراۋېرىگىچە بولىدۇ. ئەمما ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ. ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا: كىمكى ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى كۆڭلىدە ھېس قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىدۇ، ئۇ كىشىگە بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، بىر يامانلىق قىلغان كىشىگە بىر يامانلىق يېزىلىدۇ، كىمكى بىر ياخشىلىق قىلسا ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر نەرسىنى نەپىقە قىلسا ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتە يۈز ياخشىلىق بولىدۇ. ئەمما ئىنسانلار: دۇنيادا كەڭرىچىلىكتە، ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان، دۇنيادا قىيىنچىلىقتا بولغان ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغان، دۇنيا-ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان، دۇنيا -ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغانلاردىن ئىبارەتتۇر».
ھەسەن. ئەھمەد رىۋايىتى
«كىمىكى مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغاندا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالاغا رەب جەھەتتە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەلچىلىك جەھەتتە ۋە ئىسلامغا دىن جەھەتتە رازى بولدۇم دېسە، ئۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى