Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 5

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى»، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خورمىنىڭ بىر تال ھۆل شېخىنى ئىلىپ ئوشتۇپ ئىككى پارچە قىلىپ ھەر بىر قەبىرگە بىر تالدىن سانچىپ قويدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدىلا؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇ ئىككى شاخ قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتتە ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللەمدىكىن دېگەن ئۈمىتتە شۇنداق قىلدىم» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن ئەھلى كىتاپتىن بولغان بىر قەۋىمنىڭ يېنىغا بارىسەن، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغان ۋاقتىڭدا ئۇلارنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئادا قىلىشقا بۇيرىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا سەدىقىنى پەرز قىلغانلىقىنى، سەدىقە ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ، پەقىرلىرىغا بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋېلىشتىن ساقلانغىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن قورققىن، ھەقىقەتەن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەردە يوقتۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزنىڭ بىرىمىز كۆڭلىدە بىر نەرسىلەرنى تاپىدۇ، ئۇنى سۆزلىگىنىدىن ئۇ كىشىنىڭ كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكىنى ياخشى بولىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن» دېدى.
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد ۋە نىسائى سۈنەن كۇبرادا رىۋايەت قىلغان
«كىمكى ئاستۇرنومىيەدىن بىر ئىلىمنى ئۈگەنسە، سېھردىن بىر پارچە ئالغان بولدى، ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈگەنسە كۆپ ئالىدۇ».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «مېنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلدىڭمۇ؟ يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگىن» دېدى.
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ھەسەن. رواه ابن ماجه والنسائي في الكبرى وأحمد