Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 7

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ، بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھارام دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھارام قىلغان نەرسىلەرمۇ ھۆكۈمدە ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاشتۇر».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان
«شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر»، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇم پال ئالمايدىغان برسى يوق ئېدى، لېكىن ئاللاھ تائالا شۇم پال ئېلىشنى تەۋەككۇل بىلەن كەتكۈزىۋەتتى».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«كىمكى ئاستۇرنومىيەدىن بىر ئىلىمنى ئۈگەنسە، سېھردىن بىر پارچە ئالغان بولدى، ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈگەنسە كۆپ ئالىدۇ».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «مېنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلدىڭمۇ؟ يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگىن» دېدى.
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ھەسەن. رواه ابن ماجه والنسائي في الكبرى وأحمد
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۇممىتىمدىن بولغان بىر كىشىنى ئايرىپ ئۇنىڭ ئالدىغا توقسەن توققۇز پۈتۈك دەپتىرىنى يايىدۇ، ھەر بىر پۈتۈك دەپتىرى كۆز يەتكۈسىز يەرگىچە بولىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىگە: بۇنىڭدىن بىرەر ئىشنى ئىنكار قىلامسەن؟ ئەمەللەرنى ساقلىغۇچى ۋە پۈتۈكچى پەرىشتىلىرىم ساڭا زۇلۇم قىلدىمۇ؟دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق، ئى رەببىم! دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: سېنىڭ ئۈزرەڭ بارمۇ؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق، ئى رەببىم! دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ياق، بىزنىڭ ھوزۇرىمىزدا سېنىڭ ياخشىلىقىڭ بار، ھەقىقەتەن بۈگۈن ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەپ، ئۇ كىشىگە: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دەپ يېزىلغان كارتنى چېقىرىدۇ، بۇنى سېنىڭ مىزانىڭغا قويغىن دەيدۇ، ئۇ كىشى: ئى رەببىم! بۇ كارت ئاشۇ پۈتۈكلەر بىلەن قانداق باراۋەر كەلسۇن؟دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەيدۇ. (ئاندىن ئاۋۇ پۈتۈكلەر تارازىنىڭ بىر تەرىپىدە، كارت يەنە بىر تەرىپىدە قويىلىدۇ) پۈتۈكلەر يەڭگىل كېلىپ كارت ئېغىر كېلىدۇ، ھېچقانداق نەرسە ئاللاھنىڭ ئىسمى بولغان نەرسىدىن ئېغىر كەلمەيدۇ».
تېكىست توغرا تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
«كىمكى زىيان يەتكۈزىدىكەن ئاللاھ تائالامۇ شۇنىڭ بىلەن زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ».
ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن: «ئاشۇ ئىش ئىلىم كېتىپ قالغان ۋاقىتتا بولىدۇ»دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىلىم قانداق كېتىپ قالىدۇ؟ بىز قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ تۇرىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈگۈتىمىز، ئۇلارمۇ قىيامەتكىچە ئەۋلادلىرىغا ئۈگىتىدۇ،؟، دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن زىياد! مەن سېنى مەدىنىدە دىننى چۈشىنىدىغان كىشىلەردىن دەپ قارايتتىم، مۇشۇ يەھۇدى ۋە ناسارالارمۇ تەۋرات ۋە ئىنجىلارنى ئوقۇيدۇ ئەمما ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلمايدۇ ئەمەسمۇ؟» دېدى.
باشقا ھەدىسلەر بىلەن سەھى ئىبنى ماجە رىۋايىتى