«ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن».
مىقدام بىن مەدىي كەرۈب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن».
«إِذَا أَحَبَّ الرَّجُلُ أَخَاهُ فَلْيُخْبِرْهُ أَنَّهُ يُحِبُّهُ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئۆز ئارا مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەردىن بىرىنى بايان قىلىپ، ئۇ بولسىمۇ؛ ئىنسان بىر دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر.
دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ.
ئارىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ۋە يېقىنلىق زىيادە بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئۆزىنىڭ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئىمانى قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ بۆلۈنۈپ ۋە پارچىلىنىپ كېتىشىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن مۆمىنلەر ئۆز-ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ئاشكارا قىلىشى كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ (16)
سۈنەن ئەبۇ داۋۇد. (7/ 444) (5124).
سۈنەن تىرمىزى (4/ 199) (2392).
نىسائىينىڭ سۈنەن ئەل كۇبرا. (9/ 87) (9963).
مۇسنەد ئەھمەد (28/ 408) (17171).
بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.
لسليم الهلالي (1/ 450).
تطريز رياض الصالحين.
لفيصل المبارك (ص258).
رياض الصالحين للنووي.
(ص138) (383).
سلسلة الأحاديث الصحيحة وشيء من فقهها وفوائدها.
للألباني (1/ 777).
فيض القدير شرح الجامع الصغير.
للمناوي (1/ 247).
كنوز رياض الصالحين.
لمجموعة من الباحثين (6/ 279).