ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ».
ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ مەريەمگە تاشلىغان كەلىمىسىدىن بولغان، روھ ئاللاھدىن، جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ».
«مَنْ شَهِدَ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، وَأَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ، وَأَنَّ عِيسَى عَبْدُ اللهِ وَرَسُولُهُ وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إِلَى مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِنْهُ، وَالْجَنَّةُ حَقٌّ، وَالنَّارُ حَقٌّ، أَدْخَلَهُ اللهُ الْجَنَّةَ عَلَى مَا كَانَ مِنَ الْعَمَلِ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كىمىكى تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ ئېيتسا ۋە تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلسا جەننەتكە مۇشەررەپ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىقان، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئېكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان كىشى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننى دەسلەپتە: «بول» دېگەن، ئىنسان شۇ سۆز بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن، ئۇنىڭ روھى بولسا ئاللاھ تائالا ياراتقان روھلاردىن بىر روھتۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى(مەريەم) يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا چاپلىغان بۆھتانلاردىن پاكتۇر. جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشەندى، ئۇ ئىككىسىنى ھازىرمۇ مەۋجۇت دەپ ئېتىقاد قىلدى، بۇ ئىككىسى ئاللاھنىڭ نېمىتى ياكى ئازابىدۇر. ئۇ كىشى شۇ ھالەتتە ۋاپات بولسا گەرچە تائەت-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشتا كەمچىللىك سادىر بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاخىرەتتە بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ.
لا إله إلا الله: لا معبود بحق إلا الله.
ألقاها إلى مريم: أرسل بها جبريل إليها فنفخ فيها من روحه بإذن الله عز وجل.
ئاللاھ تائالا مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى دادىسىز «بول» دېگەن سۆز بىلەن ياراتتى.
ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا بەندىچىلىك بىلەن ئەلچىلىكىنىڭ ئارىسىنى جۇغلىدى، بۇ ئىككەيلەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىسى ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنمايدۇ.
تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ گۇناھلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقى، تەۋھىد ئەھلىنىڭ گەرچە ئۇنىڭدىن بەزى گۇناھ-خاتالىقلار سادىر بولسىمۇ ئاخىرىقى بارىدىغان ئورنىنىڭ جەننەت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (6)
سەھى بۇخارى (4/ 165) (3435).
سەھى مۇسلىم (1/ 57) (28).
الملخص في شرح كتاب التوحيد.
لصالح الفوزان (ص25).
الجديد في شرح كتاب التوحيد.
لمحمد القرعاوي (ص36).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
9 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (9)
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلم«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلملَا إِلَهَ إِلَّا اللَّه
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلملَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلملَا إِلَهَ إِلَّا اللَّه
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلم«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ!»[291].
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلملَا إِلَهَ إِلَّا اللَّه
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلملَا إِلَهَ إِلَّا اللَّه
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 3«مَنْ شَهِدَ أَنْ لا إلهَ إلَّا الله وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وَأَنَّ مُحَمَّداً عَبْدُهُ وَرسُولُهُ، وَأَنَّ عِيسَىٰ عَبْدُ الله وَرَسُولُهُ، وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إلىٰ مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِنْهُ، وَأنَّ الجَنَّةَ حَقٌّ وَأنَّ النَّارَ حَ
- مادة العقيدة الإسلامية(من شهد أن لا إله إلا الله وحده لا شريك له، وأن محمدًا عبده ورسوله، وأن عيسى عبد الله ورسوله وكلمته ألقاها إلى مريم وروح منه، والجنة حق، والنار حق، أدخله الله الجنة على ما كان من العمل).