Skip to content

«ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ».

جەرىر بىن ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ».

«مَنْ لَا يَرْحَمِ النَّاسَ لَا يَرْحَمْهُ اللهُ عَزَّ وَجَلَّ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە؛ ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغان كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭمۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەندىنىڭ كىشىلەرگە رەھىم -شەپقەت قىلىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە نائىل بولۇشىنىڭ كاتتا سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

بارلىق مەخلۇقاتلار ئۈچۈن رەھىم-شەپقەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ئىنسانلارنى خاس قىلىشى ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىندۇر.

ئاللاھ تائالا رەھىم-شەپقەت قىلغۇچى بولۇپ، بەندىلىرىدىن رەھىمدىل كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، مۇكاپات ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.

كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىش دېگەن: ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، يامانلىقنى يوق قىلىش ۋە ئۇلارغا گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (7)

سەھى بۇخارى (8/ 10) (6013).

سەھى مۇسلىم (4/ 1809) (2319).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (2/ 553).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين (1/ 247).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (1/ 319).