Skip to content

«ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق

جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:

«ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق دەيدۇ، ئەمما ئۆيىگە كىرىدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ تاپتىڭلار دەيدۇ، يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپتىڭلار دەيدۇ».

«إِذَا دَخَلَ الرَّجُلُ بَيْتَهُ، فَذَكَرَ اللهَ عِنْدَ دُخُولِهِ وَعِنْدَ طَعَامِهِ، قَالَ الشَّيْطَانُ: لَا مَبِيتَ لَكُمْ، وَلَا عَشَاءَ، وَإِذَا دَخَلَ، فَلَمْ يَذْكُرِ اللهَ عِنْدَ دُخُولِهِ، قَالَ الشَّيْطَانُ: أَدْرَكْتُمُ الْمَبِيتَ، وَإِذَا لَمْ يَذْكُرِ اللهَ عِنْدَ طَعَامِهِ، قَالَ: أَدْرَكْتُمُ الْمَبِيتَ وَالْعَشَاءَ».

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئۆيگە كىرگەندە ۋە يىمەك يېيىشتىن ئىلگىرى ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بۇيرىدى، ۋە ئۆيگە كىرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا: "بىسمىللاھ" دەپ ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق ۋە كەچلىك يىمەكمۇ يوق، چۈنكى بۇ ئۆينىڭ ساھىبى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن سىلەردىن ھىمايە قىلىندى دەيدۇ. ئەمما مۇسۇلمان كىشى ئۆيىگە كېرىدىغان ۋاقىتتا, يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە ئۆزلىرىگە قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپقانلىغىدىن خەۋەر بېرىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئۆيگە كىرگەندە ۋە يىمەك يىگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش ياخشى كۆرۈلىدۇ. ئۆيگە كىرگەندە، يىمەك يىگەندە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمىغان ئائىلىلەردە شەيتان قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپىدۇ.

شەيتان ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئىش-ھەرىكىتى ۋە بارلىق تەسەررۇپاتلىرىدا كۈزىتىپ تۇرىدۇ. ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشتىن غاپىل قالسا شەيتان مەقسەت مۇرادىغا يېتىدۇ.

زىكىر شەيتاننى قوغلاپ چىقىرىدۇ.

ھەر بىر شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە يېقىن كىشىلىرى بولىدۇ، ئۇلار شەيتاننىڭ سۆزىدىن خۇرسەنلىك ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (9)

سەھى مۇسلىم (3/ 1598) (2018).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (2/ 50).

تطريز رياض الصالحين.

لفيصل المبارك (ص467).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (4/ 190).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (1/ 700).