سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار».
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ناچار سۆز-ھەرىكەتلەر سادىر بولمايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار».
لَمْ يَكُنِ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَاحِشًا وَلَا مُتَفَحِّشًا، وَكَانَ يَقُولُ: «إِنَّ مِنْ خِيَارِكُمْ أَحْسَنَكُمْ أَخْلَاقًا».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنتايىن گۈزەل ۋە بۈيۈك ئەخلاق ساھىبى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىزمۇ سەت گەپ ۋە ناچار ئىشلار سادىر بولمايتتى، ئۇنداق ئىشلارنى مەقسەتمۇ قىلمايتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەخلاقىڭلار ئەڭ گۈزەل، ياخشىلىقنى كۆپ قىلغۇچى، ئوچۇق چېراي، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغان، يەتكەن ئەزىيەتكە سەبىر قىلىدىغان ۋە كىشىلەر بىلەن گۈزەل شەكىلدە ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلىرىڭلاردۇر».
...:
مۇئمىن كىشى سەت گەپ ۋە ناچار ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەقەت ياخشى ئەمەل ۋە ئېسىل سۆزلەرنىڭ سادىر بولغانلىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەمالى ئەخلاق ساھىبى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
گۈزەل ئەخلاق دېگەن مۇسابىقە قىلىشىدىغان مەيداندۇر، كىمكى بۇ مەيداندىكى مۇسابىقىدىن ئۇتۇپ چېقىدىكەن، ئۇ كىشى مۇئمىنلەرنىڭ ياخشىسى ۋە ئىمانى مۇكەممەل بولغىنىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ (6)
سەھى بۇخارى (4/ 189) (3559).
سەھى مۇسلىم (4/ 1810) (2321).
بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.
لسليم الهلالي (1/ 672).
تطريز رياض الصالحين.
لفيصل آل مبارك (ص410).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
5 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (5)
- المناهج التعليمية - الصف السادسالمناهج الدراسية - الحديث - الصف السادس - الفصل الأول «لَمْ يَكُنِ النَّبِيُّ ﷺ فَاحِشًا وَلَا مُتَفَحِّشًا، وَكَانَ يَقُولُ: إِنَّ مِنْ خِيَارِكُمْ أَحْسَنَكُمْ أَخْلَاقًا».
- رسالة موجزة عن الإسلام كما جاء في القرآن الكريم والسنة النبوية (مشتملة على الأدلة)رِسَالَةٌُ مُوجَزَةٌُ عَنِ الْإِسْلَامِ كَمَا جَاءَ فِي الْقُرْآنِ الْكَرِيمِ وَالسَّنَةِ النَّبَوِيَّة-مشتملة على الأدلة -للحرمين-«إِنَّ مِنْ خِيَارِكُمْ أَحْسَنَكُمْ أَخْلاَقًا» [45].
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 3«إنَّ مِنْ خِيارِكُم أَحْسَنَكُمْ أَخْلاقاً».
- مشروع المنهج التعليميمادة الحديث مستوى 1لم يَكنِ النبيّ ﷺ فاحِشًا ولا مُتفحّشًا، وكان يقول: «إِنّ من خياركم أحسنَكم أخلاقًا»
- مشروع المنهج التعليميمادة الحديث مستوى 1«إِنّ من خياركم أحسنَكم أخلاقًا».