قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كىردى، مەن نەرسە-كېرەك قويىدىغان تاكچىغا سۈرەت بار رەخت بىلەن پەردە قىپتىمەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپ، چىرايى ئۆزگۈرۈپ، ئاچچىغى كېلىپ، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ: «ئەي ئائىشە! قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر»دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر دانە ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق».
دَخَلَ عَلَيَّ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، وَقَدْ سَتَرْتُ سَهْوَةً لِي بِقِرَامٍ فِيهِ تَمَاثِيلُ، فَلَمَّا رَآهُ هَتَكَهُ وَتَلَوَّنَ وَجْهُهُ وَقَالَ: «يَا عَائِشَةُ، أَشَدُّ النَّاسِ عَذَابًا عِنْدَ اللهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ الَّذِينَ يُضَاهُونَ بِخَلْقِ اللهِ» قَالَتْ عَائِشَةُ: «فَقَطَعْنَاهُ فَجَعَلْنَا مِنْهُ وِسَادَةً أَوْ وِسَادَتَيْنِ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئائىشە ئانىمىزنىڭ نەرسە-كېرەك ساقلايدىغان تاكچىنى جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى بولغان بىر رەخت بىلەن پەردە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغانلىقىدىن چېرايى ئۆزگۈرۈپ كەتتى، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ: قىيامەت كۈنىدە بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق».
...:
مۇنكەر ئىشنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن چوڭراق بۇزۇقچىلىق ۋە يامانلىق بولمىغان ئەھۋالدا ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى دەرھال ئىنكار قىلىش كېرەك.
قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى گۇناھنىڭ كاتتىلىقى ھېسابى بويۇنچە بولىدۇ.
جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى سېزىش چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ھارام بولىشى: سۈرەت سىزغۇچى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشىتىشنى مەقسەت قىلسۇن ياكى مەقسەت قىلمىسۇن ئوخشاش.
ئىسلام پىرىنسىپى مال-مۈلۈكنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆز يولىدا پايدىلىنىش، ئۇنى چەكلەنگەن، ھارام ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ھەرقانداق شەكىلدە بولسۇن ھەتتا ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان نەرسىگىمۇ جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى سېزىش چەكلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (9)
سەھى بۇخارى (7/ 168) (5954).
سەھى مۇسلىم (3/ 1668) (2107).
القول المفيد على كتاب التوحيد.
لابن عثيمين (2/ 442).
الملخص في شرح كتاب التوحيد.
لصالح الفوزان (ص399).
الجديد في شرح كتاب التوحيد.
للقرعاوي (ص441).
كتاب التوحيد لمحمد بن عبد الوهاب (ص138).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
7 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (7)
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 3«يَا عَائِشَةُ! أَشَدُّ النَّاسِ عَذَاباً عِنْدَ الله يَوْمَ القِيامَةِ الَّذِينَ يُضَاهُونَ بِخَلْقِ الله».
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 8«يَا عَائِشَةُ، أَشَدُّ النَّاسِ عَذَاباً عِنْدَ الله يَوْمَ الْقِيَامَةِ الَّذِينَ يُضَاهُونَ بِخَلْقِ الله»
- قاموس الكبائر موسوعة الكبائر - المجموعة الأولى«أَشَدُّ النَّاسِ عَذَابًا يَوْمَ القِيَامَةِ الَّذِينَ يُضَاهُونَ بِخَلْقِ اللهِ»[7].
- قاموس الكبائر موسوعة الكبائر - المجموعة الأولى«إِنَّ أَشَدَّ النَّاسِ عَذَابًا عِنْدَ اللَّهِ يَوْمَ القِيَامَةِ المُصَوِّرُونَ» [158].
- قاموس الكبائر«أَشَدُّ النَّاسِ عَذَابًا يَوْمَ القِيَامَةِ الَّذِينَ يُضَاهُونَ بِخَلْقِ اللهِ»[7].
- قاموس الكبائر«إِنَّ أَشَدَّ النَّاسِ عَذَابًا عِنْدَ اللَّهِ يَوْمَ القِيَامَةِ المُصَوِّرُونَ» [158].
- محرمات استهان بها كثير من الناسإن أشد الناس عذابًا عند الله يوم القيامة: المُصوِّرون