Skip to content

بىز: سىلە بىزنىڭ خوجىمىز، ئىگىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىگىمىز،، خوجىمىز ئاللاھ» دېدى، بىز: سىلە بىزنىڭ پەزىلەتتە ئەڭ ئەۋزىلىرىمىز، بىزنىڭ كاتتىمىز، چوڭىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئادەتلەنگەن سۆزۇڭلارنى دەڭلار، ئارتۇق تەكەللۇپ قىلماڭلار، شەيتان سىلەرنى چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئەتلەندۈرمىسۇن» دېدى.

ئابدۇللاھ بىن شىخخىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

بەنى ئامىرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم، بىز: سىلە بىزنىڭ خوجىمىز، ئىگىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىگىمىز،، خوجىمىز ئاللاھ» دېدى، بىز: سىلە بىزنىڭ پەزىلەتتە ئەڭ ئەۋزىلىرىمىز، بىزنىڭ كاتتىمىز، چوڭىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئادەتلەنگەن سۆزۇڭلارنى دەڭلار، ئارتۇق تەكەللۇپ قىلماڭلار، شەيتان سىلەرنى چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئەتلەندۈرمىسۇن» دېدى.

انْطَلَقْتُ في وَفدِ بَنِي عَامِرٍ إِلى رَسُولِ الله صلى الله عليه وسلم، فَقُلنا: أَنتَ سيّدُنَا، فقال: «السَّيدُ اللهُ»، قُلنا: وَأَفْضَلُنا فَضْلاً، وأعظَمُنا طَوْلاً، فقال: «قُولُوا بِقَولِكُم، أَو بَعضِ قولِكُم، وَلَا يَسْتَجْرِيَنَّكُم الشَّيطَانُ».

ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
حديث صحيح
شەرھىسى

بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇلار كېلىپلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياقتۇرمايدىغان بەزى سۆزلەر بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ماختىغىلى تۇردى. ئۇلار: سىلە بىزنىڭ خوجىمىز، ئىگىمىز دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئىگىمىز، خوجىمىز ئاللاھ»دېدى. ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىنىڭ تولۇق خوجايىنىدۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇلىدۇر. ئۇلار: سىلە مەرتىۋە، شەرەپ، ئالاھىدىلىك ۋە ئۈستۈنلۈك جەھەتتە بىزنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىمىز، دېدى . مەرتىۋە، ئۈستۈنلۈك جەھەتتە ئەڭ كاتتىمىز، ئاتا-ئېھساننى ھەممىدىن كۆپ قىلغۇچى دېدى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆزلىرى ئادەتلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشقا، زىيادە تەكەللۇپ قىلماسلىققا بۇيرىدى، چۈنكى زىيادە تەكەللۇپ قىلغاندا شەيتان ئازدۇرۇپ چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشكە، ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھ ھارام قىلغان شېرىك ۋە ئۇنىڭ ۋاستىلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ساھابىلارنىڭ دىلىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرلىقى، قەدىر-قىممىتىنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئېھتىرام قىلىشى بايان قىلىنىدۇ.

سۆزلىگەندە تەكەللۇپ قىلماستىن، سۆزنى قىسقا ۋە نورمال قىلىش.

تەۋھىدنىڭ پىرىنسىپلىرىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئۇنى ھېمايە قىلىش.

ماختاشتا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇش ئېغىزىدۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ خوجىسىدۇر، بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى ۋە ساھابىلارنىڭ چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىندۇر.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (8)

سۈنەن ئەبۇ داۋۇد. (7/ 184) (4806).

مۇسنەد ئەھمەد (26/ 234) (16307).

الملخص في شرح كتاب التوحيد.

لصالح الفوزان (ص424).

الجديد في شرح كتاب التوحيد.

لمحمد القرعاوي (ص472).

مشكاة المصابيح.

للألباني مشكاة المصابيح (3/ 1373).