Skip to content
المَائدة /

ئايەت ١٨

٥ : ١٨

ئايەت ١٨ of المَائدة (٥ : ١٨). This page carries the verse in the Uthmani script with a translation of its meaning, at a stable URL that can be cited on its own.

المَائدة ئايەتلەر ١٢٠
سۈرە · المَائدة
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
٥ : ١٨

وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ وَٱلنَّصَٰرَىٰ نَحۡنُ أَبۡنَٰٓؤُاْ ٱللَّهِ وَأَحِبَّٰٓؤُهُۥۚ قُلۡ فَلِمَ يُعَذِّبُكُم بِذُنُوبِكُمۖ بَلۡ أَنتُم بَشَرٞ مِّمَّنۡ خَلَقَۚ يَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۚ وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ

يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز (يەنى ئاتا ـ بالىدەك يېقىنمىز) ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. ئېيتقىنكى، «(ئۇنداق بولسا) ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟» ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ياراتقان ئىنسانسىلەر. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ؛ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ (يەنى مەغپىرەت قىلىنىشنى خالىغان كىشىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ، ئازاب قىلىنىشنى خالىغان كىشىگە ئاللاھ ئازاب قىلىدۇ). ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئەڭ ئاخىر بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر(18).