٢٢ : ٦١
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِ وَأَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٞ
(شۇ نەرسە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇركى) ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(61).