Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 8

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رەمبال-پالچىلار توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا سۆزلىگەن سۆزلىرى توغرا چىقىدىكەنغۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغىنى ھەقسىز جىدەل قىلغۇچىدۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كىردى، مەن نەرسە-كېرەك قويىدىغان تاكچىغا سۈرەت بار رەخت بىلەن پەردە قىپتىمەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپ، چىرايى ئۆزگۈرۈپ، ئاچچىغى كېلىپ، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ: «ئەي ئائىشە! قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر»دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر دانە ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا ئۆزى كۆرگەن سۈرەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك مەسچىتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى، ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم، مەن ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىشتان كىيىۋىلىشقا بۇيرۇپ قۇچاقلايتتى، ئۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا مەسچىتتىن بېشىنى چىقىراتتى، مەن ھەيزدار ھالىتىمدە ئۆيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتىم» دېدى
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
مەن خۇن كېسىلى پاك بولمايمەن، ناماز ئوقۇمىسام بولامدۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« ياق، بولمايدۇ، بۇ دېگەن تومۇردىن بولغان كېسەللىك، لېكىن سىز ھەر ئايدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەيز كۆرۈدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ قالغان كۈنلەردە ناماز ئوقۇيسىز»دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئىككى قولىنى يۇيىتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇناتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلايتتى، چېچىنىڭ ئاستىغا سۇ تىگىپ تېرە سۇغا قاندى دەپ ئويلىغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان بەدىنىنى يۇيىتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قاچىدىن سۇ ئىلىپ يۇيىناتتۇق، بىرلىكتە سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئالاتتۇق.
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى