Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 4

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كېرىدۇ، پەقەت باش تارتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم باش تارتىدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتىدۇ» دېدى.
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەھيى قىلىندى، مەككىدە ئون ئۈچ يىل تۇردى، ئاندىن ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇلدى، مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى، مەدىنىدە ئون يىل تۇردى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەسچىتتە ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا، تۆگە مىنگەن بىر كىشى مەسچىتكە كىردى، تۆگىسىنى مەسچىتتە چوكلاندۇرۇپ ئاندىن باغلاپ قويۇپ، ئۇلتۇرغانلارغا قاراپ: سىلەرنىڭ قايسىڭلار مۇھەممەد؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، بىز: يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان بۇ ئاق يۈزلۈك كىشى دېدۇق، ئۇ ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ساڭا جاۋاپ بەردىم» دېدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن سەندىن بىر قانچە سوئال سورايمەن، سوئالنى قوپالراق سورايمەن، كۆڭلىڭدە ماڭا ئاچچىقلانما؟دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۆڭلىڭگە كەلگەننى سورا» دېدى، ئۇ كىشى: سېنىڭ ۋە سەندىن ئىلگىركىلەرنىڭ رەببى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالا سېنى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنىڭ بايلىرىمىزدىن سەدىقە ئىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: مەن سەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەندىم، مەن قەبىلەمنىڭ ئەلچىسى، مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن