Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 30

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قايسى گۇناھ كاتتا ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ دېدى»، بۇ ھەقىقەتەن كاتتا گۇناھ، ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«پىقىرلىقتىن قورقۇپ، بالاڭنىڭ سەن بىلەن بىرگە يېمەك يېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىڭ»دېدى، مەن: ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ»دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن شېرىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدىن بىھاجەتمەن، كىمكى قىلغان ئەمىلىدە ماڭا باشقا بېرىنى شېرىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنى ۋە ئەمىلىنى شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر سۆزنى دېدى مەن ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر سۆزنى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تېۋىنغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى دوزاخقا كىرىدۇ دېدى، مەن : كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرىدۇ دېدىم.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ.»
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىر ئۇلاققا مىنگەشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:«ھەر قانداق بىر كىشى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ چىن دىلىدىن گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا سالمايدۇ» مۇئاز: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ سۆزنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىپ خۇش بىشارەت بىرەيمۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ ھازىر خەۋەر بەرمىگىن »دېدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ گۇناھى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى بايان قىلىپ بەرگەن.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رەمبال-پالچىلار توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا سۆزلىگەن سۆزلىرى توغرا چىقىدىكەنغۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار» .
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كىردى، مەن نەرسە-كېرەك قويىدىغان تاكچىغا سۈرەت بار رەخت بىلەن پەردە قىپتىمەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپ، چىرايى ئۆزگۈرۈپ، ئاچچىغى كېلىپ، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ: «ئەي ئائىشە! قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر»دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر دانە ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن