Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 4

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

رىۋايەت قىلىنغان مەنبە

بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كېرىشىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت قايسى؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېردى، ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ۋاپات بولغان كىشى دوزاخقا كېردى»دېدى.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«بىر نەرسە ئالغاندىمۇ ۋە ساتقاندىمۇ ۋە قەرز ئادا قىلغاندىمۇ كەڭ قورساق بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«ھەرقانداق ياخشىلىق سەدىقەدۇر».
تېكىست توغرا ئىمام بۇخارى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىن، ئىمام مۇسلىم ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىن رىۋايەت قىلغان
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت قاراڭغۇلىقىدۇر، بىخىللىقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بىخىللىق سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان. شۇنداقلا بىخىللىق ئۇلارنى قانلىرىنى توكۈشكە، ئار-نومۇسىنى دەپسەندە قىلىشقا ئېلىپ باردى
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى