Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 51

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

«مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن:قايسى ئىش ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دېسەم، :« ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى دېسەم، :«ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دېدى، ماڭا ئۇلارنى سۆزلەپ بەردى، ئەگەر يەنە سورىغان بولسام ماڭا يەنە دەپ بېرەتتى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«سۇخەنچى جەننەتكە كىرمەيدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا تەمشەلسەم، رەسۇلۇللاھ:«قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم دەپ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«گۇماندىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن گۇمان: سۆزنى يالغانغا چېقىرىدۇ، كىشىلەرنىڭ مەخپى ئىشلىرىنى تىڭلىماڭلار، جاسۇسلۇق قىلماڭلار، ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا تەتۈر قاراشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنى ئۆچ كۆرۈشمەڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دىنى قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
« كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇسا، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ» تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
كىمكى ئون قېتىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، دېگەن سۆزنى ئون قېتىم دېسە، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن تۆت قۇلنى ئازات قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن