Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 3

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى:«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ». بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تىنچلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا: التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ السَّلَامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلَامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِينَ» دېسە، بۇ سۆز ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەر بىر سالىھ بەندىگە يېتىدۇ، أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ» دەپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دۇئا-تېلەكلەرنى دېسە بولىدۇ.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ: پىشانىگە، قولى بىلەن بۇرنى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە ئىككى قەدىمىنىڭ ئەتراپىغا ئىشارەت قىلدى ۋە كىيىمنى تۈرىۋالماسلىق، چاچنى بانتىلىۋالماسلىق كېرەك، دېدى
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن».
باشقا ھەدىسلەر بىلەن ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان