Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 53

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئ‍سىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا تەمشەلسەم، رەسۇلۇللاھ:«قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم دەپ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدا تۈنجى پىتنە ئاياللاردىن بولغان».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇننى چالا قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىگە:« قايتىپ تاھارەتنى چېرايلىق، تولۇق ئالغىن»دېدى، ئۇ كىشى قايتا تاھارەت ئىلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلدى.
باشقا ھەدىسلەر بىلەن سەھى مۇسلىم رىۋايىتى
«سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، ئاللاھ بەندىسىگە ئەپۇچانلىقنى زىيادە قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئەزىز بولىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋېىسىنى ئاللاھ تائالا يۇقىرى قىلىدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئەسىر نامىزىنى دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«ئاللاھ تائالا بىر بەندە ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات بولۇشنى تەقدىر قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارىدىغان بىر ھاجەتنى پەيدا قىلىدۇ».
تېكىست توغرا تىرمىزى رىۋايىتى