Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 11

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

رىۋايەت قىلىنغان مەنبە

«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ» تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت قاراڭغۇلىقىدۇر، بىخىللىقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بىخىللىق سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان. شۇنداقلا بىخىللىق ئۇلارنى قانلىرىنى توكۈشكە، ئار-نومۇسىنى دەپسەندە قىلىشقا ئېلىپ باردى
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايال ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، ئەر يەنە بىر ئەر بىلەن بىر يىپىنچا ئىچىدە كېيىمسىز ياتمىسۇن ، ئايالمۇ يەنە بىر ئايال بىلەن بىر يىپىنچا ئىچىدە كىيىمسىز بىللە ياتمىسۇن».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى