Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 25

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«ئىلىمنى ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش ۋە پەخىر قىلىش، نادانلارغا ئۆزىنى كۆرسۈتۈش ۋە سورۇنغا باش بولۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۈگەنمەڭلار، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە دوزاخ لايىقتۇر».
تېكىست توغرا ئىبنى ماجە رىۋايىتى
«بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدا تۈنجى پىتنە ئاياللاردىن بولغان».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«مەندىن كېيىن ئاياللاردىنمۇ بەكرەك ئەرلەرگە پىتنە بولىدىغان بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىدىم» .
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق»دېگەن. كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشتىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئېغىز ۋە ئەۋرەت دېگەن» دېگەن.
ھەسەن سەھى تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان، باشلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىۋالغان ئاياللار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدى خىلى يىراق ئارىلىقتىن تىپىلسىمۇ ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈچۈن بولغان توغرا يولنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ بەردى: توغرا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى سىپىل بار، ئىككى سېپىلدا ئوچۇق ئېشىكلەر بار، ئېشىكلەردە ساڭگىلاپ تۇرغان مىلەڭزىلەر تارتىلغان، توغرا يولدىكى ئېشىكتە بىر چاقىرغۇچى : ئى ئىنسانلار! توغرا يولغا كېرىڭلار، قىڭغىر كەتمەڭلار دەيدۇ. توغرا يولنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن بىر چاقىرغۇچى: توغرا يولدىكىلەر ئەتراپتىكى ئېشىكلەردىن بىرەرنى ئېچىشنى مەقسەت قىلسا: ئېسىت ساڭا! ئۇ ئېشىكنى ئاچمىغىن، ئەگەر ئۇ ئېشىكنى ئاچساڭ ئۇنىڭغا كېرىپ كىتىسەن دەيدۇ، توغرا يول: ئىسلامدۇر، ئىككى تەرىپىدىكى سېپىل: ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئوچۇق ئېشىكلەر: ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردۇر، توغرا يولنىڭ بېشىدىكى چاقىرغۇچى بولسا: ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، توغرا يولنىڭ ئۈستىدىن چاقىرغۇچى بولسا: ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىلىدىكى ئاللاھنىڭ نەسىھىتىدۇر».
تېكىست توغرا تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن باشقا ھەممىىسى ئەپۇ قىلىندۇ. گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلىش دېگەن: بىر ئادەم كېچە خاتا ئىشنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىشنى ئاشكارا قىلمىغان، ياپقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ھەي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق، مۇنداق ئىشنى قىلدىم دەپ ئاللاھ تائالانىڭ يوشۇرغان ئىشنى تاڭ ئاتقاندا ئوچۇق باشقىلارغا دەيدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن