Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 39

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى، ئۇنىڭ سەجدە قىلغان ھالىتىدۇر، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئەي ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدا تۈنجى پىتنە ئاياللاردىن بولغان».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«مەندىن كېيىن ئاياللاردىنمۇ بەكرەك ئەرلەرگە پىتنە بولىدىغان بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىدىم» .
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق»دېگەن. كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كۆپ كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشتىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئېغىز ۋە ئەۋرەت دېگەن» دېگەن.
ھەسەن سەھى تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان، باشلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىۋالغان ئاياللار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدى خىلى يىراق ئارىلىقتىن تىپىلسىمۇ ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«كىمكى سەپەردە بىر ئورۇنغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن :«ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن ئاللاھغا سېغىنىپ بارلىق نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسە، ئۇ كىشى چۈشكەن ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىپ بولغىچە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى