Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 39

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«ئېغىزى بىلەن ئەۋرىتىگە كېپىل بولغان كىشىگە جەننەت بىلەن كېپىل بولىمەن».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئ‍ەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:﴿‏وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ﴾‏ تەرجىمىسى:«تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
ئىستىغپارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى:«ئەي ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەئ‍بۇد يوق، سەن مېنى يوقتىن بار قىلدىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە، ئەھدەمگە كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىمەن، قىلغان ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھ-خاتالىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ» دېيىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىستىغپارنى كۈندۈزدە چىن دىلى بىلەن ئىشىنىپ دەپ شۈ كۈنى كەچ كېرىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ. بۇ ئىستىغپارنى كېچىدە چىن دىلى بىلەن ئىشىنىپ دەپ شۈ كېچىسى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
ئۆلۈم قىيامەت كۈنى سېمىز قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرلىدۇ ، بىر چاقىرغۇچى نىدا قىلىپ: ئى جەننەت ئەھلى! جەننەت ئەھلى بوينىنى سوزۇپ چاقىرغان تەرەپكە قارايدۇ، بۇنى تونۇمسىلەر؟ دەيدۇ، ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرگەن، ئاندىن : ئى دوزاخ ئەھلى! دەپ چاقىرىدۇ، دوزاخ ئەھلى بويۇنلىرىنى سوزۇپ قارايدۇ، ئۇلارغا: بۇنى تونۇمسىلەر؟دەيدۇ، ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ قوچقار بوغۇزلىنىدۇ. ئاندىن: ئى جەننەت ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئەبەدىي ھايات بار. ئى دوزاخ ئەھلى! ئۆلۈم يوق، مەڭگۈ ئازاب بار، دەيدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇيدۇ: «وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ» تەرجىمىسى: «ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر»ئۇلار دۇنيا ئەھلىنىڭ غاپىللىرىدۇر«وَهُمْ لاَ يُؤْمِنُونَ»، «(قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر» [سۈرە مەريەم 39-ئايەت].
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە، سەھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ نېمىلەردىن ئىبارەت؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن بۈرۈلۈپ قېچىش، ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز، پاك ئىپپەتلىك مۇئ‍مىنە ئايالغا بۆھتان چاپلاش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۇچراشقان بولسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كېردى، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۇچراشقان بولسا دوزاخقا كېردى».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئاللاھقا ياقتۇرىلىدىغان سۆزلەر تۆتتۇر: سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر، بۇ سۆزلەرنىڭ قايسىسى بىلەن باشلىسىڭىز خاتا بولمايدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئىلىمنى ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش ۋە پەخىر قىلىش، نادانلارغا ئۆزىنى كۆرسۈتۈش ۋە سورۇنغا باش بولۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۈگەنمەڭلار، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە دوزاخ لايىقتۇر».
تېكىست توغرا ئىبنى ماجە رىۋايىتى