Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 22

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

«بىر كىشى ئىنسانلارغا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، قەرز سۈيلەيدىغان ۋاقىتتا خىزمەتچىلىرىگە: قىيىنچىلىق بار كىشى بولسا ئۆتىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ چوقۇم بىزدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئۆتىۋېتىدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقاندا ئاللاھمۇ ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋەتتى».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايال ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، ئەر يەنە بىر ئەر بىلەن بىر يىپىنچا ئىچىدە كېيىمسىز ياتمىسۇن ، ئايالمۇ يەنە بىر ئايال بىلەن بىر يىپىنچا ئىچىدە كىيىمسىز بىللە ياتمىسۇن».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەقۋادار، قانائەتچان، كەمتەر بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ياخشىلىقتىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرمىگىن، گەرچە قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چېراي بىلەن بىقىش بولسىمۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىغا ھايا توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە:«ھايا ئىماندىن دېدى».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن