Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 19

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

«ئىنساننىڭ جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزى ئۆيىدە، دۇكىنىدا ۋە بازاردا يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، ئۇنداق بولىشى: ئۇلاردىن بىرى تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىپ مەسچىتكە كېلىدۇ، ئۇ كىشى پەقەت جامائەت بىلەن ناماز ئادا قىلىشنىلا مەقسەت قىلىپ مەسچىتكە كېلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر دەرىجە كۆتۈرلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىر خاتالىق ئۆچۈرلىدۇ، ھەتتا مەسچىتكە كېرگۈچە شۇنداق بولىدۇ. مەسچىتكە كىرىپ نامازنى كۈتۈپ ساقلاپ تۇرسا نامازدا تۇرغاندەك بولىدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ ناماز ئادا قىلغان ئورنىدا بىرسىگە ئەزىيەت يەتكۈزمەستىن ۋە تاھارىتى بۇزۇلماستىن تۇرغان مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۈ كىشى ئۈچۈن :«ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسىلا» دەپ دۇئا قىلىدۇ.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورقمامدۇ؟! ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرز نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئىستىغپار ئېيتاتتى، ۋە: « ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن» دەيتتى. ۋەلىيد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەۋزائىيدىن: ئىستىغپارنى قانداق ئېيتىدۇ؟ دەپ سورىسام، ئەۋزائىي: ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، دەيسەن دېدى.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەستۇر»
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا (كۆزى كۆرمەيدىغان) ئەما كىشى كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنى مەسچىتكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىدىغان كىشى يوق، قانداق قىلىمەن دەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆيىدە ناماز ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى، ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى چاقىرىپ: « نامازغا ئەزان ئوقۇلسا ئاڭلامسەن؟دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەسچىتكە كەلگىن دېدى».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى:«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ». بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تىنچلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا: التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ السَّلَامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلَامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِينَ» دېسە، بۇ سۆز ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەر بىر سالىھ بەندىگە يېتىدۇ، أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ» دەپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دۇئا-تېلەكلەرنى دېسە بولىدۇ.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار» .
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى