Skip to content

چۈنكى ئۇ بىر كۈنمۇ: رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن دەپ باقمىدى» دېدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىبنى جەدئان جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلايتتى، مىسكىنلەرگە يېمەك بېرەتتى بۇ ئىشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولامدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىر كۈنمۇ: رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن دەپ باقمىدى» دېدى.

قُلْتُ: يَا رَسُولَ اللهِ، ابْنُ جُدْعَانَ كَانَ فِي الْجَاهِلِيَّةِ يَصِلُ الرَّحِمَ، وَيُطْعِمُ الْمِسْكِينَ، فَهَلْ ذَاكَ نَافِعُهُ؟ قَالَ: «لَا يَنْفَعُهُ، إِنَّهُ لَمْ يَقُلْ يَوْمًا: رَبِّ اغْفِرْ لِي خَطِيئَتِي يَوْمَ الدِّينِ».

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرەيشلەرنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ بىن جەدئاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالىدىن خەۋەر بەردى. ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، مىسكىنلەرگە يېمەك بېرىش ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىش ھېسابلىنىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ئىسلام رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئاللاھقا ئىشەنمەي كاپىر بولۇپ، بىر كۈنمۇ: رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن»دېمىسە، بۇ ياخشىلىقلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىگە پايدىسى بولمايدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئىماننىڭ پەزىلىتى ۋە ئىماننىڭ ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

كۇپۇرنىڭ شۈملىقى ۋە ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

كاپىرلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.

ئىنساننىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئىشلىرى ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولغاندىمۇ ئەمەل سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (7)

سەھى مۇسلىم (1/ 196) (214).

شرح النووي على مسلم (3/87).

المفهم لما أشكل من تلخيص كتاب مسلم (1/ 459).

إرشاد الساري لشرح صحيح البخاري (4/ 170).

التنوير شرح الجامع الصغير (2/364).

فتح المنعم (2/54).

البحر المحيط الثجاج في شرح صحيح الإمام مسلم بن الحجاج (3/ 455).