«بىر نەرسە ئالغاندىمۇ ۋە ساتقاندىمۇ ۋە قەرز ئادا قىلغاندىمۇ كەڭ قورساق بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن».
جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بىر نەرسە ئالغاندىمۇ ۋە ساتقاندىمۇ ۋە قەرز ئادا قىلغاندىمۇ كەڭ قورساق بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن».
«رَحِمَ اللهُ رَجُلًا سَمْحًا إِذَا بَاعَ، وَإِذَا اشْتَرَى، وَإِذَا اقْتَضَى».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سودا-سېتىق ئىشلىرىدا سېخى، مەرد ۋە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگۈچى ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلدى. سېتىۋالغۇچىغا باھادا قاتتىقلىق قىلماسلىق، چېرايلىق، گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش. بىر نەرسە سېتىۋالسا سېخى، مەرد ۋە ئاسان پۈتتۈرىدىغان بولۇش، بېخىللىق قىلماسلىق ۋە مالنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك. باشقىلاردىن ھەققىنى تەلەپ قىلسىمۇ سېخى، مەرد ۋە ئاسان پۈتتۈرىدىغان بولۇش، كەمبەغەللەرگە ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قاتتىقلىق قىلماسلىق، مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، قىيىنچىلىق بار كىشىگە مۆھلەت بېرىش.
...:
كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى ياخشىلايدىغان ئىشلارنى ساقلاپ قىلىش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
كىشىلەر ئارىسىدا ئىلىم-سېتىم ۋە باشقا مۇئامىلە ئىشلىرىنى قىلغاندا گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
تېخىمۇ كۆپ (8)
سەھى بۇخارى (3/ 57) (2076).
نزهة المتقين (2/ 944).
كنوز رياض الصالحين.
لمجموعة من الباحثين (16/ 386).
منار القاري.
لحمزة محمد قاسم (3/ 258).
شرح رياض الصالحين.
لابن عثيمين (5/ 405).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
4 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (4)
- المنتقى من المتجر الرابح في ثواب العمل الصالح - المعتمدالمنتقى من المتجر الرابح في ثواب العمل الصالح“رحم الله رجلا سمحا إذا باع، وإذا اشترى، وإذا اقتضى”.
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 6«رَحمَ اللهُ رَجُلاً سَمْحاً إذَا باع، وإذا اشْتَرَىٰ، وإذَا اقْتَضَىٰ».
- مجموعة زاد التربية الإسلامية (3)، والسيرة النبوية (3)التربية الإٍسلامية -3- «رَحِمَ اﷲُ رَجُلًا سَمْحًا إِذَا بَاعَ، وَإِذَا اشْتَرَى، وَإِذَا اقْتَضَى»
- نبراس طالب (1)1«رَحِمَ اللهُ رَجُلًا سَمْحًا إِذَا بَاعَ، وَإِذَا اشْتَرَى، وَإِذَا اقْتَضَى»