Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 8

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى جەننەتكە ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! جەننەتنى ئاڭلىغان كىشى جەننەتكە كېرىدىكەن دېدى، ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى: سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە بىرىپ قارىسا، جەننەتنىڭ ئەتراپى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر ئىنساننى جەننەتكە كېرەلمەي قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى دوزاخقا ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن دوزاخقا ۋە دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن دوزاختا تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا دوزاخنىڭ بەزىسى بەزىسىگە كېرىشىپ كەتكەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! دوزاخنى ئاڭلىغان ھېچ كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ دېدى، ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئەتراپىنى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى قايتىدىن دوزاخقا قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا، دوزاخنىڭ ئەتراپى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر كىشىنىڭ دوزاختىن قۇتۇلالماي ھەممىسى كېرىپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى».
ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغان
«زىكىرنىڭ ئەۋزىلى: لائىلاھە ئىللەللاھۇ، دۇئانىڭ ئەۋزىلى: ئەلھەمدۇ لىللاھ».
ھەسەن. تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان
«قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ».
ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
مۇئ‍مىنلەردىن كامالى ئىمانغا ئىگە كىشىلەر ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر».
ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«كىمكى زىيان يەتكۈزىدىكەن ئاللاھ تائالامۇ شۇنىڭ بىلەن زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ».
ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا دۇئادىنمۇ ئېسىل بىر نەرسە يوق».
ھەسەن. تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ، ‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر
ھەسەن. تىرمىزى رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن».
باشقا ھەدىسلەر بىلەن ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان