Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 5

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىك بالىنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ بولسۇن بېشىنىڭ چېچىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئالدۇرۇپ بەزى جايلىرىنى قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ماڭا خوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن ھەتتا خوشنىنى مىراسخۇر قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ رەھبىرى چوڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە پەرزەنتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىڭلار!، ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون رەكەت نەپلە نامازنى ئېسىمدە تۇتتۇم:پېشىننىڭ پەرىزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، پەرزدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شامدىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، خۇپتەندىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، بامداتتىن ئىلگىرى ئۆيدە ئىككى رەكەت، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرمەيدىغان بىر ۋاقىتتا ھەمشىرەم ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ: مۇئەززىن ئەزان ئوقۇپ تاڭ يورىغاندا بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇيتتى. يەنە بىر لەپزىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى دەپ كەلگەن.
تېكىست توغرا بۇنىڭ ھەممە رىۋايەتلىرىگە بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىغا ھايا توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە:«ھايا ئىماندىن دېدى».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن