Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 21

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا ئۆزى كۆرگەن سۈرەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك مەسچىتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى، ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشتىن بەش كۈن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «مەن سىلەردىن بېرىڭلار بىلەن دوست بولغانلىقىم توغرىسىدا ئاللاھقا ئۆزۈمنى پاكلايمەن،-يەنى مەن سىلەردىن بىرىڭلارنى دوست تۇتمىدىم- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتقاندەك، دوست تۇتتى، ئەگەر مەن ئۈممىتىمدىن بىرىنى دوست تۇتماقچى بولغان بولسام ئەلۋەتتە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى دوست تۇتاتتىم. دىققەت قىلىڭلار! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالدى. دىققەت قىلىڭلار! سىلەر قەبرىستانلىقنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالماڭلار، مەن سىلەرنى ئۇنىڭدىن چەكلەيمەن».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر توپ كىشىلەر كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى، ئەمما ئونىنچى كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇلار: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدىلا، بۇ كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئ‍ۇ كىشى بوينىغا تۇمار ئېسىۋاپتۇ» دېدى، ئۇ كىشى قولىنى بوينىغا كىرگۈزۈپ تۇمارنى ئۈزۇپ ئېلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭمۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:«كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ».
ھەسەن. ئەھمەد رىۋايىتى
«كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ»، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن باشلاپ باشقىلارغا ئەسلىتىپ ياكى نەقىل قىلىپ بولسۇن ئاتا-بوۋىلار بىلەن قەسەم قىلىپ باقمىدىم دەيدۇ.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن