Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 10

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

رىۋايەت قىلىنغان مەنبە

«ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«يېقىنقى زاماندا سىلەرگە ئەمىر ۋە باشلىقلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىسىلەر، بەزى ئىشلىرىنى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلىسىلەر، ئۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ دىلى بىلەن بولسىمۇ ئۆچ كۆرسە، ئۆزىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، ئىنكار قىلغان كىشى خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا رازى بولۇپ ئەگەشكەن كىشى ھالاك بولىدۇ» ساھابىلار: ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق، ئۇلار نامازنى ئادا قىلغان مۇددەتتە ئۇلارغا قارىشى ئۇرۇش قىلمايسىلەر»دېدى.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئىنسان سەپەر قىلسا ياكى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن سەپەر قىلمىغان ۋە ساق ۋاقتىدا قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ئوخشىشىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ رەھبىرى چوڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە پەرزەنتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىڭلار!، ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ تالىپ سەكراتقا چۈشكەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن ئېدى، ئۇنىڭ يېنىدا ئەبۇ جەھىل ۋە ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييەنى كۆردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن»دېدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييە ئۇنىڭغا: ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتىشنى تەكرارلىدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييەمۇ:" ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن" دېگەن سۆزىنى تەكرارلىدى، ھەتتا ئەبۇ تالىپ ئاخىرىدا: مەن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدا دېگەن سۆزنى دەپ ۋاپات بولدى، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن سۆزنى دېگىلى ئۇنىمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن چەكلەنمىسەم سەن ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن» دېدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىدى:﴿‏مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ﴾‏ تەرجىمىسى:«پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئەبۇ تالىپ توغىرسىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: ﴿‏إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ﴾‏ تەرجىمىسى:«شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرغۇچىلار ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ مىسالى: بىر كېمىگە بارابەر چىققان ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستى قەۋېتىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا چەك تاشلاشقان، بەزىلىرىگە ئۈستۈن قەۋەت چىققان يەنە بەزىلىرىگە ئاستى قەۋەت چىققان، ئاستى قەۋەتتىكىلەر سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۈستى قەۋەتتىكىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ سۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاستى قەۋەتتىكىلەر: بىز سۇ ئالىمىز دەپ ئۈستىمىزدىكىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزگىچە كېمىنىڭ شېلىنى چىقىرىپ سۇنى تۇرغان ئورنىمىزدىن ئالساق دېگەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلسا، مەقسەت قىلغان ئىشلىرى بىلەن كېمىدىكى ھەممەيلەننى ھالاك قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ئۇ قىلمىشىدىن قولىنى يىغدۇرسا، ئۇلارمۇ ۋە بۇلارمۇ ھەممەيلەن قۇتىلىدۇ».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى