عربي - Arabic English Qafár af - Afar Afrikaans - Afrikanns Akan Shqip - Albanian አማርኛ - Amharic Հայերեն - Armenian অসমীয়া - Assamese Azərbaycanca - Azerbaijani Bamanankan - Bambara Bassa Bemba বাংলা - Bengali Bosanski - Bosnian Български - Bulgarian မြန်မာဘာသာ - Burmese Bisaya - Cebuano Cham Нохчий - Chechen chiCheŵa - Chewa 中文 - Chinese Адыгэбзэ - Circassian Hrvatski - Croatian Česky - Czech Dagbani Dansk - Danish فارسی دری - Dari Dendi ދިވެހި ބަސް - Dhivehi Nederlands - Dutch إستوني - Estonian Suomi - Finnish Français - French Fulfulde - Fula ქართული - Georgian Deutsch - German Ελληνικά - Greek ગુજરાતી - Gujrati Kreyòl ayisyen - Haitian Creole Hausa हिन्दी - Hindi Magyar - Hungarian Igbo Indonesia - Indonesian Italiano - Italian 日本語 - Japanese Jóola - Jola ಕನ್ನಡ - Kannada Қазақша - Kazakh ភាសាខ្មែរ - Khmer Kikuyu Ikinyarwanda - Kinyarwanda Ikirundi - Kirundi 한국어 - Korean كوردی سۆرانی - kurdish كوردي kurmancî - Kurmanji Kyrgyz ລາວ - Lao latviešu - Latvian Lingala lietuvių - Lithuanian Luganda Македонски - Macedonian Maguindanaon Malagasy - Malagasy Bahasa Melayu - Malay മലയാളം - Malayalam Mandinka मराठी - Marathi Mõõré - Moore नेपाली - Nepali أنكو - NKo Norwegian ଓଡ଼ିଆ - Odia oromoo - Oromo پښتو - Pashto فارسی - Persian Polski - Polish Portuguese ਪੰਜਾਬੀ - Punjabi Română - Romanian Русский - Russian Српски - Serbian Shona සිංහල - Sinhala Slovenščina - Slovenian Soomaaliga - Somali Soninke Sesotho - Sotho Español - Spanish Kiswahili - Swahili Svenska - Swedish Tagalog Тоҷикӣ - Tajik தமிழ் - Tamil తెలుగు - Telugu ไทย - Thai ትግረኛ - Tigrinya Türkçe - Turkish Ukrainian اردو - Urdu ئۇيغۇرچە - Uyghur Ўзбек - Uzbek Việt Nam - Vietnamese Wolof Yao Yorùbá - Yoruba Zarma زولو - Zulu
251 ھەدىس
پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى
تۈرلەر
ھەدىسنىڭ دەرىجىسى
رىۋايەت قىلىنغان مەنبە
راۋىي
«ئىنسان سەپەر قىلسا ياكى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن سەپەر قىلمىغان ۋە ساق ۋاقتىدا قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ئوخشىشىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ رەھبىرى چوڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە پەرزەنتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىڭلار!، ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ئەبۇ تالىپ سەكراتقا چۈشكەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن ئېدى، ئۇنىڭ يېنىدا ئەبۇ جەھىل ۋە ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييەنى كۆردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن»دېدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييە ئۇنىڭغا: ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتىشنى تەكرارلىدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييەمۇ:" ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن" دېگەن سۆزىنى تەكرارلىدى، ھەتتا ئەبۇ تالىپ ئاخىرىدا: مەن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدا دېگەن سۆزنى دەپ ۋاپات بولدى، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن سۆزنى دېگىلى ئۇنىمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن چەكلەنمىسەم سەن ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن» دېدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىدى:﴿مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ﴾ تەرجىمىسى:«پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئەبۇ تالىپ توغىرسىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: ﴿إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ﴾ تەرجىمىسى:«شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرغۇچىلار ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ مىسالى: بىر كېمىگە بارابەر چىققان ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستى قەۋېتىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا چەك تاشلاشقان، بەزىلىرىگە ئۈستۈن قەۋەت چىققان يەنە بەزىلىرىگە ئاستى قەۋەت چىققان، ئاستى قەۋەتتىكىلەر سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۈستى قەۋەتتىكىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ سۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاستى قەۋەتتىكىلەر: بىز سۇ ئالىمىز دەپ ئۈستىمىزدىكىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزگىچە كېمىنىڭ شېلىنى چىقىرىپ سۇنى تۇرغان ئورنىمىزدىن ئالساق دېگەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلسا، مەقسەت قىلغان ئىشلىرى بىلەن كېمىدىكى ھەممەيلەننى ھالاك قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ئۇ قىلمىشىدىن قولىنى يىغدۇرسا، ئۇلارمۇ ۋە بۇلارمۇ ھەممەيلەن قۇتىلىدۇ».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«يېقىندا تاللاش ۋە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلار بولىدۇ»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ ۋاقىتتا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرىيلا؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھدىن سوراڭلار».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەسچىتتە ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا، تۆگە مىنگەن بىر كىشى مەسچىتكە كىردى، تۆگىسىنى مەسچىتتە چوكلاندۇرۇپ ئاندىن باغلاپ قويۇپ، ئۇلتۇرغانلارغا قاراپ: سىلەرنىڭ قايسىڭلار مۇھەممەد؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، بىز: يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان بۇ ئاق يۈزلۈك كىشى دېدۇق، ئۇ ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ساڭا جاۋاپ بەردىم» دېدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن سەندىن بىر قانچە سوئال سورايمەن، سوئالنى قوپالراق سورايمەن، كۆڭلىڭدە ماڭا ئاچچىقلانما؟دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۆڭلىڭگە كەلگەننى سورا» دېدى، ئۇ كىشى: سېنىڭ ۋە سەندىن ئىلگىركىلەرنىڭ رەببى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالا سېنى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنىڭ بايلىرىمىزدىن سەدىقە ئىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: مەن سەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەندىم، مەن قەبىلەمنىڭ ئەلچىسى، مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن