Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 73

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققان ئېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىگە قانداق شەكىلدە سالام بېرىشنى تەلىم بەردىلە، سىلىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت يوللايمىز؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت سالام يوللىغاندەك، رەھمەت سالام يوللىغىن. سەن مەدھىيەلەنگۈچى ۋە ئۇلۇغ. ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن ماختالغۇچى ۋە ئۇلۇغ» دەڭلار دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، ئاللاھ مېنى ئەپۇ قىلامۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرمىدىڭمۇ؟» دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە، دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاشۇ شاھادەت كەلىمىسى ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدۇ» دېدى.
تېكىست توغرا ئەبۇ يەئلا، تەبەرانىي ۋە زىيائۇل مەقدىسى رىۋايەت قىلغان.
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەقۋادار، قانائەتچان، كەمتەر بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگىن، مەن بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنى ساڭا گۇۋالىق بېرىمەن» تاغىسى: قۇرەيشنىڭ مېنى ئەيىپلىشىدىن قورۇقمىسام دەيتتىم، ئۇلار: ئەبۇ تالىپ ئۆلۈمدىن قورقۇپ دېدى دېمەيدىغان بولسا ئېدى، مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ كۆڭلۈڭنى خوش قىلاتتىم دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:«إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ» تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ياخشىلىقتىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرمىگىن، گەرچە قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چېراي بىلەن بىقىش بولسىمۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئارزۇ قىلسا سىلە رەھىم قىلسۇن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان