Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 51

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن سەپەردە ئۇلۇغىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ماڭا سەپەرنى داۋاملاشتۇرغىلى بىر ئۇلاغ ياردەم قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ يېنىمدا ھېچ نەرسە يوق» دېدى، ساھابىلاردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئۇنى سەپەرگە يولغا سېلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىققا باشلاپ قويغان كىشى ياخشىلىقنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ دېدى».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغىنى ھەقسىز جىدەل قىلغۇچىدۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، قولىنى تاھارەت ئالىدىغان سۇ بار قاچىغا سىلىشتىن بۇرۇن قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە قەيەرلەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ». مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، قولىنى ئۈچ قېتىم يۇماستىن تاھارەت ئالىدىغان سۇ بار قاچىغا كىرگۈزمىسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە قەيەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ» دېيىلگەن.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھنىڭ ھاياتلىقى ئەبەدىيدۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر»دېدىم. [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :«ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئى ئابا مۇنزىر! ئىلىم ساڭا ئاسان بوپتۇ» دېدى.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ناچار سۆز-ھەرىكەتلەر سادىر بولمايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ كىشى: قادىر بولالمايمەن ياكى يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«قادىر بولالمامسەن-يېيەلمەمسەن؟»دېدى، ئۇ كىشىنى تەكەببۇرلۇق ئوڭ قولى بىلەن يېيىشتىن چەكلەپ قويدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولى بىلەن يېمەك يىيەلمىدى.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«بەندەم بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن: ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا گۇناھ قىلىپ، ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا گۇناھ قىلىپ، ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، خالىغاننى قىلغىن، سېنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلدىم دەيدۇ»
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە، سەھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ نېمىلەردىن ئىبارەت؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن بۈرۈلۈپ قېچىش، ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز، پاك ئىپپەتلىك مۇئ‍مىنە ئايالغا بۆھتان چاپلاش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن