Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 5

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

رىۋايەت قىلىنغان مەنبە

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرز نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئىستىغپار ئېيتاتتى، ۋە: « ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن» دەيتتى. ۋەلىيد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەۋزائىيدىن: ئىستىغپارنى قانداق ئېيتىدۇ؟ دەپ سورىسام، ئەۋزائىي: ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، دەيسەن دېدى.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
ئىبنى زۇبەير ھەر نامازدا سالام بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، بارلىق مۇلكىيەت ۋە پادىشاھلىق ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھقا ئائىتتۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، بارلىق پەزىلەت ۋە گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىمىز گەرچە بۇنى كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ» ۋە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن بۇ كەلىمىلەرنى دەيتتى».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققان ئېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىگە قانداق شەكىلدە سالام بېرىشنى تەلىم بەردىلە، سىلىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت يوللايمىز؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت سالام يوللىغاندەك، رەھمەت سالام يوللىغىن. سەن مەدھىيەلەنگۈچى ۋە ئۇلۇغ. ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن ماختالغۇچى ۋە ئۇلۇغ» دەڭلار دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى:«ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تېلەيمەن». مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاخىرقى تەشەھھۇتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ تۆت تۈرلۈك ئىشتىن پاناھلىق تېلىسۇن: جەھەننەم ئازابىدىن، قەبىر ئازابىدىن، ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەپ كەلگەن.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن