Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 41

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

«دۇنيا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىدۇر، دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھ ئايالدۇر».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
مەن ئەمىر بىن ئەبى ھەسەننىڭ ئابدۇللاھ بىن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تاھارەت ئالىدىغانلىقىنى سورىغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم، ئابدۇللاھ بىن زەيىدكە بىر قاچىدا سۇ كەلتۈردى، ئۇ كىشى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغىنىدەك تاھارەت ئىلىپ كۆرسەتتى، قاچىدىن سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن قولىنى قاچىغا سېلىپ سۇ ئېلىپ، ئۈچ قېتىمدىن ئېغىزىغا سۇ ئېلىپ چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىدى، ئاندىن قولىنى قاچىغا سېلىپ سۇ ئېلىپ يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن ئىككى قولىنى جەينىكى بىلەن قېتىپ ئىككى قېتىمدىن يۇدى، ئاندىن قولىنى قاچىغا كىرگۈزۈپ بېشىغا مەسىھ قىلدى، بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ كەينىگىچە بىر قېتىم مەسىھ قىلدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى ھوشۇقىغىچە قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇدى»
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ئەممار ئىبنى ياسىر بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى بىر ئىشقا ئەۋەتكەندە مەن جۇنۇب بولۇپ قالدىم، ئۇ جايدا سۇ تاپالماي، ئۇلاغ توپىدا دۇمىلىغاندەك دۇمىلاندىم، ئاندىن ناماز ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلگەندە بۇنى سۆزلەپ بەرسەم رەسۇلۇللاھ: «سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
مەن خۇن كېسىلى پاك بولمايمەن، ناماز ئوقۇمىسام بولامدۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« ياق، بولمايدۇ، بۇ دېگەن تومۇردىن بولغان كېسەللىك، لېكىن سىز ھەر ئايدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەيز كۆرۈدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ قالغان كۈنلەردە ناماز ئوقۇيسىز»دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققان ئېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىگە قانداق شەكىلدە سالام بېرىشنى تەلىم بەردىلە، سىلىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت يوللايمىز؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت سالام يوللىغاندەك، رەھمەت سالام يوللىغىن. سەن مەدھىيەلەنگۈچى ۋە ئۇلۇغ. ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن ماختالغۇچى ۋە ئۇلۇغ» دەڭلار دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەسچىتتە ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا، تۆگە مىنگەن بىر كىشى مەسچىتكە كىردى، تۆگىسىنى مەسچىتتە چوكلاندۇرۇپ ئاندىن باغلاپ قويۇپ، ئۇلتۇرغانلارغا قاراپ: سىلەرنىڭ قايسىڭلار مۇھەممەد؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، بىز: يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان بۇ ئاق يۈزلۈك كىشى دېدۇق، ئۇ ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ساڭا جاۋاپ بەردىم» دېدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن سەندىن بىر قانچە سوئال سورايمەن، سوئالنى قوپالراق سورايمەن، كۆڭلىڭدە ماڭا ئاچچىقلانما؟دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۆڭلىڭگە كەلگەننى سورا» دېدى، ئۇ كىشى: سېنىڭ ۋە سەندىن ئىلگىركىلەرنىڭ رەببى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالا سېنى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنىڭ بايلىرىمىزدىن سەدىقە ئىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: مەن سەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەندىم، مەن قەبىلەمنىڭ ئەلچىسى، مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن