Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 78

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قىيامەت كۈنىدە سىلىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى كىم؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئەبۇ ھۈرەيرە! سەندىن ئىلگىرى بۇ توغرىدا ھېچ كىشى بىر نەرسە سورىمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، سېنىڭ ھەدىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا ئېيتىپ بېرەي: «قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىدۇر» دېدى.
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
سىلەر يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە، ھەتتا كەينىگە يەھۇدىي يوشۇرۇنىۋالغان تاش: ئى مۇسۇلمان! مېنىڭ ئارقامغا يەھۇدىي يوشۇرنىۋالدى، ئ‍ۇنى ئۆلتۈرگىن دىمىگۇچە قىيامەت بولمايدۇ،»
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ ماڭا: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مېنى ئەۋەتكەن بىر ئىشقا سېنى ئەۋەتەيمۇ؟ ھەرقانداق ھەيكەل بولسا قويماي يېقىتقىن، ھەرقانداق ئېگىز قەبرىنى تۈزلىۋەتكىن دېدى».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ئايغا قارىدى يەنى تولۇن ئايقا قاراپ مۇنداق دېدى:«سىلەر رەببىڭلارنى مۇشۇ ئاينى كۆرگەندەك قىيامەت كۈنىدە ئوچوق كۆرىسىلەر، رەببىڭلارنى كۆرۈشتە قىستىلىپ قالمايسىلەر، ئەگەر ئىمكانىيتىڭلار بولسا بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا تېرىشىڭلار» ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ»تەرجىمىسى:«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن» [سۈرە تاھا 130-ئايەت].
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۇممىتىمدىن بولغان بىر كىشىنى ئايرىپ ئۇنىڭ ئالدىغا توقسەن توققۇز پۈتۈك دەپتىرىنى يايىدۇ، ھەر بىر پۈتۈك دەپتىرى كۆز يەتكۈسىز يەرگىچە بولىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىگە: بۇنىڭدىن بىرەر ئىشنى ئىنكار قىلامسەن؟ ئەمەللەرنى ساقلىغۇچى ۋە پۈتۈكچى پەرىشتىلىرىم ساڭا زۇلۇم قىلدىمۇ؟دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق، ئى رەببىم! دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: سېنىڭ ئۈزرەڭ بارمۇ؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق، ئى رەببىم! دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ياق، بىزنىڭ ھوزۇرىمىزدا سېنىڭ ياخشىلىقىڭ بار، ھەقىقەتەن بۈگۈن ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەپ، ئۇ كىشىگە: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دەپ يېزىلغان كارتنى چېقىرىدۇ، بۇنى سېنىڭ مىزانىڭغا قويغىن دەيدۇ، ئۇ كىشى: ئى رەببىم! بۇ كارت ئاشۇ پۈتۈكلەر بىلەن قانداق باراۋەر كەلسۇن؟دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەيدۇ. (ئاندىن ئاۋۇ پۈتۈكلەر تارازىنىڭ بىر تەرىپىدە، كارت يەنە بىر تەرىپىدە قويىلىدۇ) پۈتۈكلەر يەڭگىل كېلىپ كارت ئېغىر كېلىدۇ، ھېچقانداق نەرسە ئاللاھنىڭ ئىسمى بولغان نەرسىدىن ئېغىر كەلمەيدۇ».
تېكىست توغرا تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ئۇ كىشى بەزى سەپەرلىرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان ئېدى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ چۈشكەن جايلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ:«تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن