Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 3

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

رىۋايەت قىلىنغان مەنبە

پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە، سەھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ نېمىلەردىن ئىبارەت؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن بۈرۈلۈپ قېچىش، ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز، پاك ئىپپەتلىك مۇئ‍مىنە ئايالغا بۆھتان چاپلاش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«گۇماندىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن گۇمان: سۆزنى يالغانغا چېقىرىدۇ، كىشىلەرنىڭ مەخپى ئىشلىرىنى تىڭلىماڭلار، جاسۇسلۇق قىلماڭلار، ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا تەتۈر قاراشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنى ئۆچ كۆرۈشمەڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دىنى قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
« كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇسا، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن