Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 11

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى جەننەتكە ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! جەننەتنى ئاڭلىغان كىشى جەننەتكە كېرىدىكەن دېدى، ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى: سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە بىرىپ قارىسا، جەننەتنىڭ ئەتراپى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر ئىنساننى جەننەتكە كېرەلمەي قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى دوزاخقا ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن دوزاخقا ۋە دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن دوزاختا تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا دوزاخنىڭ بەزىسى بەزىسىگە كېرىشىپ كەتكەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! دوزاخنى ئاڭلىغان ھېچ كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ دېدى، ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئەتراپىنى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى قايتىدىن دوزاخقا قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا، دوزاخنىڭ ئەتراپى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر كىشىنىڭ دوزاختىن قۇتۇلالماي ھەممىسى كېرىپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى».
ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغان
« بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر»، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«كۈچلۈك مۇئ‍مىن ئاجىز مۇمىندىن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ھەممىسىدە ياخشىلىق بار، ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بولۇڭ، ئاللاھدىن ياردەم سوراڭ، ئاجىز بولماڭ، ئەگەر سىزگە بىر ئىش يەتسە، ئەگەر ئۇنداق، بۇنداق قىلغان بولسام بوپتىكەن دېمەڭ، لېكىن ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى بولدى، ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ دەڭ، "ئەگەر" دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«دوزاخ نەپسى شەھۋەتلەر بىلەن ئورالغان، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان ئ‍ىشلار بىلەن ئورالغان».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن شېرىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدىن بىھاجەتمەن، كىمكى قىلغان ئەمىلىدە ماڭا باشقا بېرىنى شېرىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنى ۋە ئەمىلىنى شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ.»
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە، سەھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ نېمىلەردىن ئىبارەت؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن بۈرۈلۈپ قېچىش، ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز، پاك ئىپپەتلىك مۇئ‍مىنە ئايالغا بۆھتان چاپلاش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن