Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 16

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

ئۆلۈم قىيامەت كۈنى سېمىز قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرلىدۇ ، بىر چاقىرغۇچى نىدا قىلىپ: ئى جەننەت ئەھلى! جەننەت ئەھلى بوينىنى سوزۇپ چاقىرغان تەرەپكە قارايدۇ، بۇنى تونۇمسىلەر؟ دەيدۇ، ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرگەن، ئاندىن : ئى دوزاخ ئەھلى! دەپ چاقىرىدۇ، دوزاخ ئەھلى بويۇنلىرىنى سوزۇپ قارايدۇ، ئۇلارغا: بۇنى تونۇمسىلەر؟دەيدۇ، ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ قوچقار بوغۇزلىنىدۇ. ئاندىن: ئى جەننەت ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئەبەدىي ھايات بار. ئى دوزاخ ئەھلى! ئۆلۈم يوق، مەڭگۈ ئازاب بار، دەيدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇيدۇ: «وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ» تەرجىمىسى: «ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر»ئۇلار دۇنيا ئەھلىنىڭ غاپىللىرىدۇر«وَهُمْ لاَ يُؤْمِنُونَ»، «(قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر» [سۈرە مەريەم 39-ئايەت].
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە، سەھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ نېمىلەردىن ئىبارەت؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن بۈرۈلۈپ قېچىش، ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز، پاك ئىپپەتلىك مۇئ‍مىنە ئايالغا بۆھتان چاپلاش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۇچراشقان بولسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كېردى، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۇچراشقان بولسا دوزاخقا كېردى».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدا تۈنجى پىتنە ئاياللاردىن بولغان».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«مەندىن كېيىن ئاياللاردىنمۇ بەكرەك ئەرلەرگە پىتنە بولىدىغان بىر نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمىدىم» .
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان، باشلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىۋالغان ئاياللار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدى خىلى يىراق ئارىلىقتىن تىپىلسىمۇ ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن باشقا ھەممىىسى ئەپۇ قىلىندۇ. گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلىش دېگەن: بىر ئادەم كېچە خاتا ئىشنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىشنى ئاشكارا قىلمىغان، ياپقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ھەي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق، مۇنداق ئىشنى قىلدىم دەپ ئاللاھ تائالانىڭ يوشۇرغان ئىشنى تاڭ ئاتقاندا ئوچۇق باشقىلارغا دەيدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ مەريەمگە تاشلىغان كەلىمىسىدىن بولغان، روھ ئاللاھدىن، جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن