Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 16

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى»، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خورمىنىڭ بىر تال ھۆل شېخىنى ئىلىپ ئوشتۇپ ئىككى پارچە قىلىپ ھەر بىر قەبىرگە بىر تالدىن سانچىپ قويدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدىلا؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇ ئىككى شاخ قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتتە ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللەمدىكىن دېگەن ئۈمىتتە شۇنداق قىلدىم» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: «هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ، وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ، وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ» تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 7-ئايەت]. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:« قۇرئاندىن مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگەشكەنلەرنى كۆرسەڭ ئەنە ئاشۇلار ئاللاھ تائالا دىلىدا ئەگىرلىك بار دەپ ئاتىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن ھەزەر قىلغىن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
« بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر»، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«كۈچلۈك مۇئ‍مىن ئاجىز مۇمىندىن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ھەممىسىدە ياخشىلىق بار، ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بولۇڭ، ئاللاھدىن ياردەم سوراڭ، ئاجىز بولماڭ، ئەگەر سىزگە بىر ئىش يەتسە، ئەگەر ئۇنداق، بۇنداق قىلغان بولسام بوپتىكەن دېمەڭ، لېكىن ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى بولدى، ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ دەڭ، "ئەگەر" دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇچراسسا، ئۆلگۈچى ۋە قاتىل ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ» مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قاتىلغۇ دوزاخقا كىرسۇن، ئەمما ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ نېمە خاتالىقى بار؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە ھېرىس بولغان» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن شېرىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدىن بىھاجەتمەن، كىمكى قىلغان ئەمىلىدە ماڭا باشقا بېرىنى شېرىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنى ۋە ئەمىلىنى شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە ماللىرىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ.»
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى