Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 39

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈچۈن بولغان توغرا يولنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ بەردى: توغرا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى سىپىل بار، ئىككى سېپىلدا ئوچۇق ئېشىكلەر بار، ئېشىكلەردە ساڭگىلاپ تۇرغان مىلەڭزىلەر تارتىلغان، توغرا يولدىكى ئېشىكتە بىر چاقىرغۇچى : ئى ئىنسانلار! توغرا يولغا كېرىڭلار، قىڭغىر كەتمەڭلار دەيدۇ. توغرا يولنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن بىر چاقىرغۇچى: توغرا يولدىكىلەر ئەتراپتىكى ئېشىكلەردىن بىرەرنى ئېچىشنى مەقسەت قىلسا: ئېسىت ساڭا! ئۇ ئېشىكنى ئاچمىغىن، ئەگەر ئۇ ئېشىكنى ئاچساڭ ئۇنىڭغا كېرىپ كىتىسەن دەيدۇ، توغرا يول: ئىسلامدۇر، ئىككى تەرىپىدىكى سېپىل: ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئوچۇق ئېشىكلەر: ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردۇر، توغرا يولنىڭ بېشىدىكى چاقىرغۇچى بولسا: ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، توغرا يولنىڭ ئۈستىدىن چاقىرغۇچى بولسا: ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىلىدىكى ئاللاھنىڭ نەسىھىتىدۇر».
تېكىست توغرا تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن باشقا ھەممىىسى ئەپۇ قىلىندۇ. گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلىش دېگەن: بىر ئادەم كېچە خاتا ئىشنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىشنى ئاشكارا قىلمىغان، ياپقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ھەي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق، مۇنداق ئىشنى قىلدىم دەپ ئاللاھ تائالانىڭ يوشۇرغان ئىشنى تاڭ ئاتقاندا ئوچۇق باشقىلارغا دەيدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق دەيدۇ، ئەمما ئۆيىگە كىرىدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ تاپتىڭلار دەيدۇ، يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپتىڭلار دەيدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
بىر سەھرالىق كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ماڭا بىر سۆز ئۆگىتىپ قويغان بولسىلا، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ كاتتىدۇر، جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، غالىب، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر، دېگەنلەرنى ئوقۇغىن دېگەندە، ئۇ كىشى: بۇلار رەببىم ئۈچۈندۇر، ئۆزەم ئۇچۈنچۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، ماڭا رىزىق بەرگىن دېگىن، دېدى
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ مەريەمگە تاشلىغان كەلىمىسىدىن بولغان، روھ ئاللاھدىن، جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن