Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 15

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى جەننەتكە ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! جەننەتنى ئاڭلىغان كىشى جەننەتكە كېرىدىكەن دېدى، ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى: سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە بىرىپ قارىسا، جەننەتنىڭ ئەتراپى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر ئىنساننى جەننەتكە كېرەلمەي قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى دوزاخقا ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن دوزاخقا ۋە دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن دوزاختا تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا دوزاخنىڭ بەزىسى بەزىسىگە كېرىشىپ كەتكەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! دوزاخنى ئاڭلىغان ھېچ كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ دېدى، ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئەتراپىنى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى قايتىدىن دوزاخقا قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا، دوزاخنىڭ ئەتراپى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر كىشىنىڭ دوزاختىن قۇتۇلالماي ھەممىسى كېرىپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى».
ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغان
«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
ئېيتىشتا تىلغا يەڭگىل، مىيزان (قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆلچەيدىغان تارازا) دا ئېغىر، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ئىككى سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىم)تەرجىمىسى: ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئۇلۇغ ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، دېگەن سۆزلەردۇر
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
« بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر»، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«كۈچلۈك مۇئ‍مىن ئاجىز مۇمىندىن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ھەممىسىدە ياخشىلىق بار، ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بولۇڭ، ئاللاھدىن ياردەم سوراڭ، ئاجىز بولماڭ، ئەگەر سىزگە بىر ئىش يەتسە، ئەگەر ئۇنداق، بۇنداق قىلغان بولسام بوپتىكەن دېمەڭ، لېكىن ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى بولدى، ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ دەڭ، "ئەگەر" دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇر».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
«دوزاخ نەپسى شەھۋەتلەر بىلەن ئورالغان، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان ئ‍ىشلار بىلەن ئورالغان».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى